نى يېڭىلاش Github Credentials

ئەسسالام ئەلەيكۇم

تۈنۈگۈن كەچ Github تىكى ھېساۋات نامىمنى ئۆزگەرتكەنىدىم. Github دا ھېسھۋات نامىمنى ئۆزگەرتكەندىنكېن باشتا قۇرغان بەزى ئامبار ۋە گىتخاب بېتىنىڭمۇ url ئادىرسىنىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەك ئ‍ىدى. مەن ئۇلانىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىپ ئادىن كومپۇتۇرۇمدىكى hexo بلوگىمنىمۇ تەڭشىدىم. ئاقىدا hexo نى گىتخابقا چىقارماقچى بولغاندا كۈتۈلمىگەن مەسىلىگە يولۇقتۇم. بۇيرۇق كۆزنىكىدە تۆۋەندىكى خاتالىق چىقىۋېلىپ، كومپيۇتىردىكى ئارخىپنى github قا يوللىيالمىدىم. بۇ دېمەك كومپۇتۇرۇم ۋە گىتخابنىڭ ئۇلىنىشىدا مەسەلە كۆرۈلگەنىدى.

كۆرۈلگەن مەسىلە:

1
2
FATAL remote: Permission to NewUsername/NewUername.github.io.git denied to Oldusername.
fatal: unable to access 'https://github.com/NewUsername/NewUsername.github.io.git/': The requested URL returned error: 403

بۇ مەسەلە ئادەتتە Github تىكى ھېساۋات نامىڭىزنى ئۆزگەتكەندە ۋەياكى بورۇنقىغا ئوخشىمايدىغان گىتخاب ئادىرسىڭىزنى ئىشلەتكەندە كۆرۈلىدۇ. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن Mac ۋە Windows سېستىمىسىدىكى ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

Mac

1-ئۇسۇل

  1. Finder دىن Keychain Access ئەپنى ئىزدەڭ
  2. Keychain Access دىن github.com نى ئىزدەڭ
  3. ئاندىن شۇكۆزنەكنى ئىشلەتمەكچى بولغان گىتخاب ھېساۋاتىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.

First Step
Second Step

2-ئۇسۇل

سىز terminal ئارقىلىىقمۇ بۇ ئىشەنچە شېفىرىنى ئۈچۈرىۋېتەلەيسىز، ئاندىن سىز گىتخابدا push قىلغاندا ھېساۋات نامىڭىز بىلەن مەخپى-شېفېرىڭىز قايتا سورىلىدۇ.شۇ ۋاقىتتا يېڭىلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈڭ.

1
2
3
4
git credential-osxkeychain erase
host=github.com
protocol=https
[Press Return]

گىتخابدىكى ئېنگىلىىسچە ئەسلى ماتىريالنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەنى چېكىڭ.


Windows

Windows تا بىز Credential Manager نى ئىزدەپ github.com نى ئۆچۈرىۋېتىمىز، ئاندىن گىتخابنى ئىشلەتكەندە ھېساۋات-نام بىلەن شېفىر قايتا سورىلىدۇ، يېڭى گىتخاب ئادىرسىڭىز بويىنچە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.

  1. سولتەرەپ تەكتىدىكى ئىزدەش كۆزنىكىدىن Credential Manager نى ئىزدىپ
  2. Windows Credential نى تاللاپ
  3. github.com نى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

Firstt
Second

0%